پەرزەنتىم دەپ زار ئۆتكەن ئانا
تەنھالىقىڭ ساڭا يار يۆلەك
پەرزەنتىم دەپ زار ئۆتكەن ئانا
تەنھالىقىڭ ساڭا يار يۆلەك
شاماللارغا تۆككەن دەردىڭنى
ھېچكىم بىلمەس ئۆزۈڭدىن بۆلەك
ئانا، مېھرىبان ئانا
ئانا، قەدىردان ئانا
ئانا، مېھرىبان ئانا
ئانا، پەرىشتەم ئانا
كىرپىك قاقماي قانچىلاپ تۈندە
تۈننى كۈنگە ئۇلىدىڭ ئانا
تۈننى كۈنگە ئۇلىدىڭ ئانا
كۆزلىرىڭدىن تامچە ياش ئاقسا
يۈرىكىڭدىن قان ئاقتى ئانا
كۆزلىرىڭدىن تامچە ياش ئاقسا
يۈرىكىڭدىن قان ئاقتى ئانا
مۇھەببەتلىك گۈزەل ئالەمنىڭ
قۇياشى سەن مېھرىبان ئانا
مۇھەببەتلىك گۈزەل ئالەمنىڭ
قۇياشى سەن مېھرىبان ئانا
مېھرىڭ گويا دېڭىزدىن چەكسىز
پەرىشتەم سەن مېھرىبان ئانا
مېھرىڭ گويا دېڭىزدىن چەكسىز
پەرىشتەم سەن مېھرىبان ئانا
ئانا، مېھرىبان ئانا
ئانا، قەدىردان ئانا
ئانا، مېھرىبان ئانا
ئانا، پەرىشتەم ئانا
ئانا، قەدىردان ئانا





